Visit the Museum

Exhibitions

Learn

Teach

Collections

Academic Research

Remember Survivors and Victims

Genocide Prevention

Antisemitism and Holocaust Denial

Outreach Programs

Other Museum Websites

< ئۇيغۇردىكى بايلىق

“بىزنى ئاستا ئاستا يوقىتىش ئۈچۈن”: جۇڭگۇ ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان زۇلۇمى

Share

ئامېركا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيىنىڭ سىمون-سىكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى 2021-يىلى نويابىردا، “بىزنى ئاستا ئاستا يوقىتىش ئۈچۈن “جۇڭگۇ ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان زۇلۇمى دوكلاتىنى ئىلان  قىلدى. جۇڭگۇ ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇرئاممىسىغا قىلغان ھۇجۇمى كۆلەم ۋە ئېغىرلىقتا كىشىنى چۆچۈتىدۇ. 

دوكلاتتا مۇزېينىڭ جۇڭگۇھۆكىمىتىنىڭ جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارجەمئىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئېىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە جۇڭگۇ ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بىرىلغان بىر     قانچە جىنايەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇجىنايەتلەر بەجبۇرىي تۇغماسلىق، جىنسىي زوراۋانلىق، قۇل قىلىش، قىيناش،مەجبۇرىي يۆتكەش، زىيانكەشلىك قىلىش ۋە تۈرمىگە سولاش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن قاتتىق مەھرۇم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

مۇزېينىڭ بايقاشلىرى، ئاشكارە ئىلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، جۇڭگۇنىڭ پۇقرالارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە      ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىدىن قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگۇ ھۆكىمىتى   ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى چوقۇم توختىتىشى ھەمدە مۇستەقىل خەلىقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكشۈرىشىگە ۋەجىنايەتلەرنىڭ توختىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئاممىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئېغىرلىقى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال ئىنكاس قايتۇرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

چۈشۈرۈش

ماۋزۇ: “بىزنى ئاستا ئاستا يوقىتىش ئۈچۈن”: جۇڭگۇ ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان زۇلۇمى

نەشىر قىلىنىشى: 2021-يىلى نويابىر

چۈشۈرۈش (PDF)

دوكلات مۇزاكىرىسى

يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، بىز بىر گۇرۇپ مۇتەخەسىسىسلەر بىلەن قويۇپ بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، - 2021 جۇڭگۇ  ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان ھۇجۇمى ۋە بۇ جىنايەتلەرنى تەپسېلىي بايان قىلغان يېڭى دوكلاتىمىزنى مۇزاكېرە  قىلدۇق. پائالىيەتتە يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، پارلامېنت ئەزاسى جىم مەكۋېن، چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان رەيچول گولدفارب ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئىسانىڭ سۆزى سۆزلەندى. 

خەنزۇچە، ئىنگلزچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار.

View this page in English